قۇرئان كەرىم

قۇرئان كەرىم icon

قۇرئان كەرىم

Abdullah karakas

AppRecs review analysis

AppRecs rating 4.3. Trustworthiness 74 out of 100. Review manipulation risk 23 out of 100. Based on a review sample analyzed.

★★★★

4.3

AppRecs Rating

Ratings breakdown

5 star

85%

4 star

5%

3 star

0%

2 star

5%

1 star

5%

What to know

Low review manipulation risk

23% review manipulation risk

Credible reviews

74% trustworthiness score from analyzed reviews

High user satisfaction

85% of sampled ratings are 5 stars

About قۇرئان كەرىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
- بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
- يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
- ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
- تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
- ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
- قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
قۇرئان كەرىم Screenshots
Screenshot 1Screenshot 2Screenshot 3Screenshot 4Screenshot 5

Tap to Rate:

Reviews for قۇرئان كەرىم

مىراۋىدىن

ئابدۇللاھ مىراۋىدىن

ئەپ باشقۇرۋاتقان ئەپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ماددى مەنىۋى ياردەمدە بۇلغان بارلىق قىرىنداشلىرىمدىن ئاللاھ رازى بۇلسۇن

wildfire semo

ھەر كۈنى ئەسكەرتىشى

بۇ ئەپنىڭ ھەر كۈنى دىگۈدەك ئەسكەرتىپ تۇرشى بەك ياخشى بوپتۇ ئاللاھ رازى بولسۇن ئامېن . بىرىنجى بەتتە بۇرۇنقىدەك قۇرئان كۆرۈنمەيدغۇ ياكى مېنىڭ تىلفۇنۇمدىكى مەسلىمۇ ؟

Similar to قۇرئان كەرىم

©2023 Verdant Labs LLC. All rights reserved.

Privacy PolicyContact